چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش轮状病毒感染
چاقسىمان ۋىرۇس ئۈچ ئايلىقتىن 15 ئايلىققىچە بولغان تۆۋەن ياشلىق بالىلاردا ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلانغان ئىچ سۈرۈشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبى. ئۇ ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى ( ھەزىم قىلىش يولى ياللۇغى، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ياكى ئىككىسىنى تەڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ بىرى. چاقسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش كېسەللىك ئالامىتى ئالدى بىلەن قىزىش ۋە قۇسۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلۇق ئىچى سۈرۈش. كېسەللىك ئادەتتە بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ يوقىلىشىغا قارىتا سۇيۇقلۇق تولۇقلانمىسا، دائىم سۇسىزلىنىش يۈز بېرىدۇ. سۇسىزلىنىش بالىلاردا ئاجىزلىشىش، پۇت – قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، ئېغىز قۇرۇش، تومۇر سوقۇشى تېزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلاردا ئىچى سۈرۈش ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىشنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتا ئالاھىدە داۋالاش تەدبىرى يوق. كۆپ ساندىكى بىمارلار كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالغان ۋە يېتەرلىك مىقداردا سۇيۇقلۇق ئىچكەندىن كېيىن ياخشىلىنىدۇ. ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار بەلكىم ۋېنادىن سۇيۇقلۇق بېرىش ئارقىلىق سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىچ سۈرۈشنى كونترول قىلىدىغان دورىلارنى 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك. چاقسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قولنى پات – پات يۇيۇپ تۇرۇشى كېرەك.