نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى神经母细胞瘤

نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان بالىلىق مەزگىلىدىكى راك كېسىلى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مەلۇم قىسمى ياكى بۆرەك ئۈستى بېزىدە ئۆسىدۇ. نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى بەدەننىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىدىكى ئالاھىدە نېرۋا توقۇلمىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۇ ئادەتتە قورساق قىسمى ياكى كۆكرەك قىسمىدىكى نېرۋىلاردىن پەيدا بولىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزى ( ھەربىر بۆرەكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان ) دا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. دوختۇردىن مەسلىھەت سورىغاندا، يېرىمدىن ئارتۇق بالىلاردىكى ئۆسمە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا تارقىلىپ كەتكەن ( يۆتكەلگەن ). نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى بوۋاقلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راك كېسىلى. بارلىق نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىنىڭ تەخمىنەن %90 ئى بەش ياش ئىچىدىكى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى پەقەت بالىلاردىلا يۈز بېرىدۇ. نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى دائىم ئېنىق ئەمەس. بۇ ئۆسمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىستىخىيەلىك. نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى ناھايىتى ئاز جەمەت شەكلىدە قوزغىلىدۇ. نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىش – تارقالماسلىقى ۋە قەيەردە تارقىلىشىغا باغلىق بولىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:قورساق قىسمىدىكى نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى:ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى قورساق يوغىناش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە قورساق ئاغرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆكرەك ياكى بويۇن قىسمىدا پەيدا بولىدۇ:بالىلارنىڭ يۆتىلىشى ياكى نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۆڭەككە تارقىلىش:بالىلارنىڭ سۆڭىكى ئاغرىيدۇ. يىلىككە چېتىلغاندا قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ، بەزى باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تۆۋەنلەپ كەتسە ( قان ئازلىق ) چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە تېرىنى ئاقارتىدۇ ( تاتىرىدۇ ). قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ كەتسە، تېرىدە ئاسانلا كۆكىرىپ قېلىش ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىچىك داغلار پەيدا بولىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تۆۋەنلىسە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تېرىگە تارقىلىش:مونەك ھاسىل قىلىدۇ. يىلىككە تارقىلىش:بالىلارنىڭ بىلىكى ۋە پۇتى ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئۇيۇشۇش ھېس قىلىشى مۇمكىن، ياكى بالىلار بەزى بەدەن قىسىملىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالماسلىقى مۇمكىن. بىر قەدەر كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىلاردا خورنېر يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. خورنېر يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدە، بويۇن قىسمىدىكى ئۆسمە يۈز قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدىكى نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ قاپىقى ساڭگىلايدۇ، كۆز قارىچۇقى كىچىكلەيدۇ، يۈز قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدىكى تەر ئازلايدۇ. كۆپىنچە نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى كاتېخولامىن ھاسىل قىلىدۇ. كاتېخولامىن يۈرەك رىتىمىنى ئاشۇرىدىغان ھەمدە تەشۋىشلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھورمون. راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر ( ئۆسمە ئەگەشمە يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ ) يۈز بېرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان كۆز ئالمىسى ھەرىكىتى ( كۆرۈش خاراكتېرلىك كۆز تۇتقاقلىق قىسقىرىۋېلىش ) ۋە بىلەك ۋە پۇت تېز سۈرئەتتە قىسقىراش ( مۇسكۇل تۇتقاقلىق قىسقىرىۋېلىش )، سۇدەك ئىچى سۈرۈش ياكى يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار. نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى بالىلاردا كۆرۈلگەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى باھالىغاندا ئەڭ كۆپ بايقىلىدۇ. تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئادەتتىكى تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ھامىلىنىڭ نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى تاسادىپىي بايقىلىدۇ.
تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۆسمە چوڭىيىپ كەتسە، دوختۇر بالىنىڭ قورسىقىدىكى مونەكنى سىلاپ بېقىشى مۇمكىن. نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىدىن گۇمانلانغان دوختۇر قورساق قىسمىنى CT ياكى Uڭق1دا تەكشۈرسە بولىدۇ. ئەگەر ئۆسمە بايقالسا، ئەۋرىشكە ئېلىش ھەمدە تەجرىبىخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈش ( تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ) كېرەك. يىلىك ئەۋرىشكىسى ئېلىپ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئىزدەشكە بولىدۇ ( يىلىك تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىڭ ). نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى داۋالاش خەۋپ – خەتەر ئاساسىدا تۈرگە ئايرىش. تېخى تارقالمىغان ھەمدە خەتىرى تۆۋەن بولغان نېرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىنى ئادەتتە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋەتكىلى ۋە داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك ياكى يۇقىرى خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى بېرىلىدۇ، مەسىلەن، ۋىنكرىستىن، سىكلوفوسفامىد، دورۇبىشىڭ، تابور گلۇكوزىدى ۋە سىپلاتىنا قاتارلىقلار. يۇقىرى دورا مىقدارلاشتۇرۇپ داۋالاش قوشۇپ غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش دائىم يۇقىرى خەتەرلىك كېسەل بالىلار ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ مىقداردىكى خىمىيەلىك داۋالاش ۋە غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بالىغا تۈرىدىكى ۋىتامىن A بېرىشكە بولىدۇ، بۇ دورا خىمىيەلىك قۇرۇلما جەھەتتە ۋىتامىن A بىلەن مۇناسىۋەتلىك. رادىياتسىيەلىك داۋالاش ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى ئۆسمىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە ئامالسىز قالغان