كانايچە ئۆپكە ياللۇغى(支气管肺炎)

كانايچە ئۆپكە ياللۇغى دائىم كۆرۈلىدىغان ئۆپكە يۇقۇملىنىش كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى كانايچە دىۋارى ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن بولىدۇ، بوۋاقلار ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ قىش، ئەتىيازدىكى سوغۇق پەسىللەردە ۋە تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەندە كۆپ كۆرۈلىدۇ. كانايچە ئۆپكە ياللۇغى ئادەتتە ۋىرۇس، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى ياكى باكتېرىيە ياكى ئارىلاشما يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. كانايچە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپىنچە يۆتىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كۆپىنچىسىدە ئالدى بىلەن يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى، يەنى ماڭقا ئېقىش، چۈشكۈرۈش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، يۇتقۇنچاق قۇرۇش، يۇتقۇنچاققا بىر نەرسە باردەك ھېس قىلىش، ئاۋازى بوغۇلۇش، قىزىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، كېيىن يۆتىلىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئالدى بىلەن قۇرۇق يۆتەلگەندىن كېيىن بەلغەم پەيدا بولىدۇ. بوۋاقلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، دائىم قىزىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كېسەلنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ يېشى چوڭراق بالىلارغا مۇرەككەپ چۈچۈكبۇيا دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۆتكۈر تارماق شېكەر قىيامى قاتارلىقلار بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، يۇقىرى ئوسموسلۇق تۇز سۈيىنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرۈپ بەلغەمنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ. زىيادە كىچىك بوۋاقلارنى بىۋاستە دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي خادىملارنىڭ داۋالىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنداقتا بىز بۇ كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟ ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە يۇقۇملىنىش خەۋپ – خەتەر . ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، قولنى پات – پات يۇيۇش، بەزى بىمارلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش؛ بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش كۆپرەك چېنىقىش، يېمەك – ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش بولۇپمۇ بوۋاقلار بار ئائىلىلەر تاماكا چەكمەسلىكى، تاماكا چېكىشنىڭ نەپەس يولىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.