قول، پۇت ۋە ئېغىز كېسىلى(手足口病)
قول – پۇت – ئېغىز كېسىلى قول – پۇت – ئېغىز كېسىلى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى بوۋاقلار ۋە بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، كوكساچ ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە. ئاساسلىق ئىپادىسى ئېغىز بوشلۇقى، بارماق، تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قاپارتما بولۇپ، دائىم قىزىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى جەھەتتە، بالىلاردا دائىم چىرىش، قاپارتما ۋە قىزىل داغ قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە بالىلارنىڭ تاماق يېيىشى قىيىنلىشىش، ئېغىز بوشلۇقى ئاغرىش ۋە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دورا بىلەن داۋالاش جەھەتتە ئادەتتە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەگە قارشى دورىلار قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، برۇفېن، ئوستاۋېل، كۈمۈش سىترات ئېرىتمىسى قاتارلىقلار، كونكرېت دورا بىلەن داۋالاشتا دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ ساغلام داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. دورا بىلەن داۋالاشتىن باشقا، مۇھىت تازىلىقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ۋە نەملىكىنى ساقلاش، قۇرغاق مۇھىتنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. كىچىك بالىلارمۇ شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى، قولنى پات – پات يۇيۇپ تۇرۇشى، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنداقتا بىز قول-پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟ ئالدى بىلەن ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، قولنى پات – پات يۇيۇش، قول – پۇت – ئېغىز بىمارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە، يېمەكلىكنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قول-پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەشمۇ بىر خىل ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.