ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى(肠胃炎)

肠胃炎

ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى بالىلارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى يېمەك – ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش ياكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پات – پات قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قاتتىق قۇسۇش قاتارلىقلار. چوڭ تەرەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئاز مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ، بەزىدە چوڭ تەرەت «تۇخۇم شورپىسى» غا ئوخشايدۇ. ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى ئېغىر بولغاندا سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ. سۇيۇقلۇق تولۇقلاش تۇزى ئىچىش ئارقىلىق سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مايلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئادەتتە، كېسەللىك ئالامىتى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە پەسىيىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر ياكى داۋاملاشقان بولسا، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك