يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى新生儿红细胞增多症

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قويۇقلۇقى بىنورمال ئېشىپ كېتىدىغان بىر خىل كېسەللىك. ئۇنىڭ تەركىبىدە قان قىزىل ئاقسىلى بولۇپ، قان قىزىل ئاقسىلى قاننى قىزىل رەڭگە كىرگۈزىدۇ ھەمدە ئۆپكىدىن ئوكسىگېن ئېلىپ پۈتۈن بەدەندىكى توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھۈجەيرە ئوكسىگېندىن پايدىلىنىپ بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە كېرەكسىز ماددا كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى يەنە كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدنى توقۇلمىدىن ئۆپكىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قويۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتسە، قان بەك قويۇق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بەك قويۇق قان قاننىڭ ئۇششاق قان تومۇرلاردىن ئۆتۈش سۈرىتىنى ئاستىلىتىدۇ ھەم ئوكسىگېننىڭ توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاشىلا قىلىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ تۇغۇلغان ياكى ئانىسى دىيابېت كېسىلى، ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىم، تاماكا چېكىش ياكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئاسانلا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلغاندا بالا ھەمراھى ( ھامىلىنى بالىياتقۇغا تۇتاشتۇرىدىغان ھەمدە ھامىلىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەزا ) دىن زىيادە كۆپ قان قوبۇل قىلسا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، كىندىك بېغى قىسىلىشتىن بۇرۇن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بالا ھەمراھى سەۋىيەسىنىڭ ئاستىدا قالغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىنىڭ باشقا سەۋەبلىرى قاندىكى ئوكسىگېن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ( ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك )، تۇغۇت ئالدى – كەينى مەزگىلىدىكى تۇنجۇقۇپ قېلىش، بالىياتقۇدا ئۆسۈش چەكلىمىگە ئۇچراش، كەمتۈك تۇغۇلۇش ( مەسىلەن، بەزى يۈرەك مەسىلىسى ياكى بۆرەك مەسىلىسى )، دوۋن يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ياكى قوشكېزەكلەرنىڭ بىرىدىن يەنە بىر ھامىلىگە كۆپ مىقداردا قان بېرىش ( قوشكېزەكلەرگە قان بېرىش ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئېغىر دەرىجىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن قىزىل ياكى خۇنۈك بولۇپ، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، ئوزۇقلاندۇرۇشى ياخشى بولماسلىق ھەمدە تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىشى مۇمكىن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىنى داۋالاشتا، ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، ۋېنادىن سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك، چۈنكى سۇسىزلىنىش ( سۇيۇقلۇق ئېقىپ كېتىش ) قاننى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا كېسەللىك ئالامىتى بولسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بىر قىسىم قېنىنى تارتىپ چىقىرىش ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا تەڭ مىقداردىكى تۇز ئېرىتمىسى ( فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى ) ئىشلىتىش كېرەك. بۇ جەريان قىسمەن ئالماشتۇرۇپ قان بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ، ئېشىپ قالغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى سۇيۇلدۇرىدۇ ھەمدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىنى تۈزىتىدۇ.